Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېتس
دۇنيا تارىخى
魏茨
wèi cí
(1813 - 1886) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس، ياشلىق دەۋرىدە نىبۇلنىڭ ئەسەرلىرىگە مەستانە بولۇپ، ئاساسىي قانۇنچىلىق تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئىرادە باغلىغان. 1833 - يىلى بېرلىن داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇغان ھەم رانكېنى ئۇستاز تۇتۇپ، رانكېچىلارنىڭ ئاساسىي ئەزاس بولۇپ قالغان ھەمدە <ھېنرى Ⅰ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدىكى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ يىللىق مەجمۇئەسى> دېگەن كىتابنى يازغان. 1842 - 1848 - يىللىرى كىل داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1848 - يىلى فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1849 - 1875 - يىللىرى گۇتتىنگېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى بويىچە مەخسۇس تەتقىقات سىنىپىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان. 1875 - يىلى <گېرمانىيە تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمى> نىڭ باش تەھرىرى بولۇپ، خېلى كۆپ تۆھپە قوشقان. <گېرمانىيىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى تارىخى> (سەككىز توم) ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. بۇ ئەسەر ماتېرىيالى تولۇق، دەلىل - ئىسپاتى مۇكەممەل، مەزمۇنى مول تارىخىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.