Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋىتىر
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تاق سان> دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى بىر خىل ئالاھىدە ناماز بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆزدە تۇتۇلغىنى ھەققىدە ئىككى خىل رىۋايەت بار: بىرىدە، خۇپتەن نامىزىدىكى توققۇز رەكەت نامازنىڭ ئۈچ رەكەت ۋاجىب نامىزى كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ يەنە بىرىدە خۇپتەن نامىزى بىلەن بىللە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنكى ئۈچ رەكەت مۇستەقىل ۋاجىب نامازنىڭ ئۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى توغرىسىدىكى گەپلەر بىر خىل ئەمەس. بەزىلەر ئاللانىڭ تاق ساننى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن دەيدۇ. ھەزرىتى ئەلى: <مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام >ئى مۆمىنلەر! تاق سانلىق ناماز ئوقۇڭلار. چۈنكى، ئاللا تاق بولغاچقا، تاق سانلىق نامازنى ياخشى كۆرىدۇ< دېگەن> دەپتۇ. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەتتە قات ئاسماندىكى ئەرىشكە چىققاندا ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇغان، ئاللا مۇشۇ ئۈچ رەكەت نامازنى ياقتۇرغان ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۆمىن ئەر - ئاياللارغا ئۇنى ۋاجىب قىلغان، دەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
« ۋىتىر نامىزى» غا قاراڭ.