Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىشى ھۆكۈمىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى维希政府
wéi xī zhèng fǔ
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى فرانسىيىنىڭ قورچاق ھۆكۈمىتى. گېرمانىيە 1940 - يىلى 6 - ئايدا پارىژنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، پېتائىن باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت گېرمانىيىگە تەسلىم بولغان. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ھۆكۈمەت فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇب قىسمىدىكى شەھەر ۋىشىغا كۆچۈپ بارغان، شۇڭا ۋىشى ھۆكۈمىتى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭغا تەۋە <ئىشغال قىلىنمىغان رايون> فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، فرانسىيە زېمىنى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. ۋىشى ھۆكۈمىتىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لاۋال، فلاندىن، دارلان قاتارلىقلار باشقۇرغان. ۋەتەن ساتقۇچلۇق سىياسەتنى ئىزچىل يۈرگۈزۈپ، ئىچكى جەھەتتە پەۋقۇلئاددە مىنىستىرلىك ۋە پەۋقۇلئاددە سوت قۇرۇپ، خەلقنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرىشىنى باستۇرغان، سىرتقا قارىتا فاشىستلار گېرمانىيىسىگە ئەگىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قوشۇن ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان. 1942 - يىلى 11 - ئايدا، ۋىشى ھۆكۈمىتىگە تەۋە جايلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسى بىلەن فرانسىيە پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ بىرلەشمە زەربىسى ئاستىدا، 1944 - يىلى 8 - ئايدا تەختتىن چۈشكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.