Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋىسال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇچرىشىش، بىرلىشىش، ئېرىشىش، يېقىنلىشىش، يېتىشىش:
يۈز، چىراي، جامال:
1. فىغان ھەجرىدە چەكسەم، ۋەسلىدە ئاندىنمۇ ھەم ئارتار،
نېچۈككىم گۇل ۋىسالىن تاپسە بۇلبۇل كۆپ چېكەر چەھ - چەھ.
ئەرشى.
2. ۋىسالىڭ دەۋلەتىدىن قىلماغايسەن بىزلەرنى مەھرۇم،
جەمالىڭ ئافتابى پەرتەۋىدىن قىلماغىل مەھجۇر.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆرۈشمەك، ئۇچراشماق، ئېرىشمەك؛ ۋىسال مەھبۇب - سۆيگۈنىگە ئېرىشىش، مەھبۇبى بىلەن كۆرۈشۈش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇچرىشىش، كۆرۈشۈش، ئېرىشىش؛ ۋەسىل (سۆيگەن يارى ھەققىدە).
گاھىدا چۈشىدە چۈشەپ دىلبەرنى، ئۆتكۈزگەن ئۇيقۇسىز تالاي كېچىنى. ھامان بىر ۋىسالنىڭ شېرىن خىيالى، كۆيدۈرگەن تومۇزدەك ئۇنىڭ ئىچىنى.
جامال، چىراي، ھۆسىن.
- ئەلۋەتتە، ئۇ ۋىسالىمغا ئاشىق بولغاي، - دېدى مەلىكە.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
يەتمەك، تاپماق