Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىرۇسسىمانلار
دائىرە: بىئولوگىيە类病毒
lèibìngdú
يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلار ھۈجەيرىسىدە پارازىتلىنىدىغان بىر خىل كىچىك يېڭيى كېسەل قوزغاتقۇچى. ئۇنىڭ ۋىرۇسقا ئوخشايدىغان تەرەپلىرىمۇ بار، لېكىن ۋىرۇس ئەمەس، شۇڭا ۋىرۇسسىمانلار دەپ ئاتىلىدۇ. تۈزۈلۈش تەركىبى جەھەتتە ۋىرۇستىن كۆپ ئاددىي بولۇپ، ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن، سىرتقى قېپى بولمىغان بىر دانە ئەركىن ھالەتتىكى ھالقىسىمان RNA مولېكۇلىسىدىن تۈزۈلىدۇ، مولېكۇلاماسسىسى 100 مىڭغا يېقىن كېلىدۇ. تەبىئىي شارائىتتا ۋىرۇسسىمانلار ئالاھىدە تاياقسىمان ئىككىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشتە بولىدۇ. ئۇ 1971 - يىلى تۇنجى قېتىم ياڭيۇنىڭ ئۇرچۇقسىمان تۈگۈنەك غول كېسەللىكىدىن ئايرىپ ئېلىنغان، ۋىرۇسسىمانلار ۋىرۇسقا ئوخشاش ماەخسۇس پارازىتلىنىدۇ، ھەمدە پارازىت ئىگىسىنىڭ ھۈجەيرىسى ئىچىدىلا ھاياتلىق ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ چىقىرىدۇ، نۇكلېئىك كىسلاتا مولېكۇلىسى ئۆز - ئۆزىدىن نۇسخىلىنىپ، ئۆسۈملۈككە كېسەل يۇقتۇرىدۇ ياكى ئۆلتۈرىدۇ. نۆۋەتتە ئاساسەن ۋىرۇسسىمانلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەزى ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلاردىمۇ بولۇشى مۇمكىن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.