Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىرتانېن
دائىرە: دۇنيا تارىخى维尔特南
wéi ěr tè nán
(1895 - 1973). فىنلاندىيىلىك بىئو - خىمىك. 1919 - يىلى خېلىسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئۇنۋانىنى ئالغان. كېيىن شۋېتسارىيە، گېرمانىيە ۋە شۋېتسىيىلەردە تەتقىقات بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. 1924 - 1939 - يىللاردا خېلىسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىداخىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھەمدە 1931 - 1939 - يىللاردا سانائەت تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1939 - 1948 - يىللاردا بۇ مەكتەپنىڭ بىئو - خىمىيە پروفېسسورى بولغان ھەمدە فىنلاندىيە بىئو - خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن. 1948 - 1963 - يىللاردا فىنلاندىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئازوتنى بىئولوگىيىلىك تۇراقلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە دائىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، سېرىق ماي ۋە پىشلاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلىغان، ئۆسۈملۈكلەردىن كۆپ خىل يېڭى ئامىنو كىسلاتانى ئاجرىتىۋالغان، ئورىيانى سېغىن كالا يەم خەشىكىدىكى ئازوت مەنبەسى قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەتقىق قىلغان. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەكلىكلەر خىمىيىسى جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە كەشپىياتى، بولۇپمۇ ھۆل يەم - خەشەك ساقلاش ئۇسۇلىنى كەشپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1945 - يىلى نوبېل خىمىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.