Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېررى
دائىرە: دۇنيا تارىخى韦里
wéi lǐ
(1728 - 1797) ئىتالىيىلىك مەرىپەتچى. پەيلاسوپ، ئىقتىسادشۇناس ۋە قانۇنشۇناس. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن 80 - يىللىرىغىچە لومباردىيىدە فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، چېگرا بېجى ۋە مالىيە تۈزۈلمىسىدىكى ئىسلاھاتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مىلاندىكى ئىتالىيە مەرىپەت ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى <كۈچ جەمئىيىتى> گە قاتناشقان. 1790 - يىلى ئەركىن پادىشاھلىق تۈزۈم ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۈلۈكدارلار سايلىمىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەكالەت تۈزۈمى ئاپپاتارىنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. <كوفىخانا> ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل تەھرىرى بولۇپ، ئەركىن سودا ۋە سانائەت تەرەققىياتىنى تەرغىپ قىلىپ قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى قۇۋۋەتلىگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.