Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىرولوگىيە
بىئولوگىيە
病毒学
bìngdúxué
ۋىرۇس ۋە ۋىرۇس خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ۋە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان پەن. ۋىرۇس تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بارلىق جانلىقلاردا پارازىتلىنىدۇ. ئۇ بارلىق جانلىقلار (ئادەملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا كېسەل پەيدا قىلىدۇ، ئۇ جانلىقلاردا جىددىي خاراكتېرلىك ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن بەلكى يوشۇرۇن خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە راكقا ئوخشاش ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە قاتتىق تەھدىت سېلىپ، دۆلەت ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. نۆۋەتتە ۋىرۇس خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يەنىلا كەمچىل بولماقتا. ۋىرۇسنى تەتقىق قىلىشتىن مەقسەت، ئۇنى كونترول قىلىش، زىيانلىقلارنى يوقىتىش، پايدىلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىتىنى ئاسراش، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋىرولوگىيە ھايۋانلار ۋىرولوگىيىسى، مېدىتسىنا ۋىرولوگىيىسى، ھاشاراتلار ۋىرولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ۋىرولوگىيىسى باكتېرىيە ۋىرولوگىيىسى قاتارلىق تارماق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يەنە ۋىرۇس فىزىكىسى، ۋىرۇس بىئوخىمىيىسى، ۋىرۇس گېنىتىكىسى، ۋىرۇس تاكسونومىيىسى، ئۆسمە ۋىرولوگىيىسى ۋە مولېكۇلا ۋىرولوگىيىسى قاتارلىق يېڭى پەنلەر مەيدانغا كەلدى.
مائارىپ,ئۇنىۋېرسال,تېببىي
病毒学
bìng dú xué