Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋورمىس يارلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى沃尔姆斯敕令
wò ěr mǔ sī chì lìng
1521 - يىلى 5 - ئايدا، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى كارل Ⅴ ۋورمىس (ھازىرقى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھېسېن تەۋەسىدە) شەھىرىدىكى ئىمپېرىيە رېيخىستاگىدا ئېلان قىلغان بىر يارلىق بولۇپ، دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسكارى ليۇتېر ۋە ئۇنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ليۇتېرنىڭ ئۆزىمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان. يارلىقتا ليۇتېر بىدئەتچى دەپ ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىشنى، ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ فېئوداللارنىڭ يېرىنى مۇسادىرە قىلىشنى جاكارلىغان؛ ليۇتېر ئەقىدىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى مەنئى قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاشنى بۇيرۇغان. ليۇتېر بەزى چوڭ دەھرىي، بەگ كىنەزلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، جىنايىتىگە توۋا قىلىشتىن باش تارتقان. كېيىن ساكسونىيە كىنەزى فرېدرىختىن پاناھ ئىزدەپ ۋارتبۇرگغا بېرىۋالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.