Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋورمىس دىنىي كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
1221 - يىل 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى رىم پاپاسى كالىكسىت Ⅱ (1119 - 1124 - يىللىرى تەختتە بولغان) بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅴ، ۋورمىس (ھازىرقى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھېسسېن تەۋەسىدە) شەھىرىدە تۈزۈشكەن كېلىشىم. كېلىشىمدە: گېرمانىيە ئېپىسكوپلىرىنى پاپا تەيىنلىمەيدۇ، بەلكى مىسسىئونېرلار سايلاپ چىقىدۇ، ئىمپېراتورنىڭ سايلام يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە پىكىر ئىختىلاپى يۈز بەرگەن چاغدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ سايلانغان ئېپىسكوپقا ئالدى بىلەن ئىمپېراتور دەھرىيىلىك ھوقۇقى بېرىدۇ، ئاندىن چېركاۋ دىنىي ھوقۇق بېرىدۇ. ئىتالىيە بىلەن بۇرگوندىيىدە، ئىمپېراتورنىڭ ئېپىسكوپ سايلىمىغا ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ، ئېپىسكوپقا دەھرىيىلىك ھوقۇقىنى بېرىش، دىنىي ھوقۇق بېرىلىپ ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. رىم پاپاسى بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ئوتتۇرىسىدىكى ئېپىسكوپلارنى ئىشقا قويۇش ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىش شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتلىق مۇرەسسەگە كېلىش ئارقىلىق ئاياغلاشقان.