Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋولگېن
دۇنيا تارىخى
沃尔金
wò ěr jīn
(1879 - 1962) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1897 - 1908 - يىللىرى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە پائال قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، مۇدىرى، دۆلەت ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1930 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ياشلىق ۋاقتىدا ماركسىزم دۇنياغا كېلىشتىن ئاۋۋالقى سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيە تارىخىي تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. 1908 - يىلى <ⅩⅧ ئەسىردىكى ئىنقىلابىي كوممۇنىزمچىلار> (1919 - يىلى <ژان. مېلىې ۋە ئۇنىڭ >ۋەسىيەتنامە< سى> دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنغان) ناملىق ماقالىسىنى يازغان. 1912 - يىلى <ⅩⅧ ئەسىردىكى فرانسىيە سوتسىيال نەزەرىيىسى> ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن <ئىلمىي سوتسىيالىزم پېشىۋالىرى> ناملىق مەجمۇئەنى نەشىر قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1961 - يىلى لېنىن ئوردېنىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <سوتسىيالىزم تارىخى تىزىسى>، <سېن - سىمون ۋە سېن - سىمونىزم>، <سوتسىيالىزم مۇتەپەككۇرلىرى>، <فرانسىيە ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە>، <ⅩⅧ ئەسىردىكى فرانسىيە ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە تەرەققىياتى>، <فرانسىيە خىيالىي كوممۇنىزمى> قاتارلىقلار بار.