Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېنىتسىيە جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
مىلادى ⅩⅧ - Ⅹ ئەسىرلەردىكى ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شەھەر دۆلىتى. ئادرىياتىك دېڭىزنىڭ بويىدا. قەدىمكى دەۋردە بېلىقچىلارنىڭ مەھەللىسى بولغان. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. Ⅸ ۋە Ⅹ ئەسىردىن باشلاپ غەربىي ياۋروپا بىلەن شەرقىي ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە كېمىچىلىك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق قول سانائىتى گۈللەنگەن. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋېزانتىيە بىلەن بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسى تۆتىنچى قېتىم شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىللىرى (1202 - 1204) جەنۇبىي يۇنان ۋە ئېگىي دېڭىزىدا كۆپلىگەن تايانچ پونكىتلارنى قۇرغان، ئۇنىڭ ئىچىدە كىرىت ئارىلى ۋە ئېئوبېيە ئارىلىمۇ بولۇپ، بۇ جايلاردا كاتتا سودا ئىمتىيازلىرىغا ئىگە بولۇۋېلىپ، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. ⅩⅣ - ⅩⅢ ئەسىردە ئۇزاق ۋاقىت سودا رەقىبى گېنويە بىلەن كەسكىن رىقابەتلەشكەن؛ 1380 - يىلى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كېلىپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭدەك ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىشىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ⅩⅡ ئەسىردىن باشلاپ ھاكىمىيەت ئاز ساندىكى سودا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئولىگارخىيىلىك مۇستەبىتلىك خاراكتېر ئالغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە شەرق بىلەن غەربنىڭ سودىسى ئوسمان ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يېڭى سۇ يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپادىكى سودا مەركىزى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن كۈچى ئاجىزلاپ، زېمىنى كۈنسېرى كىچىكلەپ كەتكەن. 1797 - يىلى ناپولېئون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. شۇ يىلى ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. 1866 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.