Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېنرا
دۇنيا تارىخى
维纳斯
wéi nà sī
قەدىمكى رىم ئەپسانىلىرىدىكى مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى. يەنە مول ھوسۇل، باغۋەنچىلىك ۋە باھارنىڭ گۈللىرىنى باشقۇرىدىكەن. يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئافرودىتقا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە (ئىككىنچى قېتىملىق پوئىنى ئۇرۇشىدا)، ئۇنىڭغا بولغان چوقۇنۇش سىتسىلىيە ئارىلىدىن رىمغا تارقىلىشقا باشلاپ، كاپتولىن دۆڭىدە ئىبادەتخانا سېلىنىپ ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىنغان. رىمدا رىۋايەت قىلىنىشىچە، ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا) نىڭ ئەپسانىدىكى قەھرىمانى ئائېنېئاس ۋېنرانىڭ ئوغلى بولۇپ، يۇنان بىرلەشمە قوشۇنى ترويانى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئىتالىيىگە كېلىپ دۆلەت قۇرىدىكەن، كائېسار ۋە ئاۋگۇستۇس شاھ ئۆزلىرىنى ئائېنېئاسنىڭ پۇشتى دەپ قارىغانلىقتىن، ۋېنرا رىملىقلارنىڭ ئەجدادىغا ئايلانغان.