Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىنكال سكرىش شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
温加尔.斯克利西条约
wēn jiā ěr .sī kè lì xī tiáo yuē
تۈركىيە بىلەن روسىيە 1833 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىمزالىغان ئورتاق مۇداپىئەلىنىش شەرتنامىسى. بوسفور بوغۇزىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن يېزا - ۋىنكال سىكرىشتا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. شەرتنامىدە 1829 - يىلىدىكى <ئاندىرىئاننا قەلئەسى شەرتنامىسى> ۋە باشقا روسىيە - تۈركىيە شەرتنامىلىرى قايتا تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئەگەر تۈركىيە ئېھتىياجلىق بولسا، روسىيە دەرھال ئۇنى ھەرخىل ھەربىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئالماشتۇرۇش شەرتى سۈپىتىدە، تۈركىيە داردانىل بوغۇزىنى قامال قىلىپ، ھەرقانداق چەت ئەل ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن قارا دېڭىزغا كىرىشىگە يول قويمايدۇ، روسىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بوسفور بوغۇزىدىن ئەركىن كىرىپ - چىقالايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى ۋە بۇ ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ تۈركىيە دېڭىز قىرغىقىدا ھەربىي مانۋېر قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.