Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېنگرىيىدىكى 1848 - 1849 - يىللاردىكى ئىنقىلاب
دۇنيا تارىخى
匈牙利一八四八至一八四九年革命
xiōng yá lì yī bā sì bā zhì yī bā sì jiǔ nián gé mìng
ۋېنگرىيە خەلقىنىڭ ئاۋسترىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ۋە مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1848 - يىلى، پارىژ فېۋرال ئىنقىلاب ۋە ۋېنا مارت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى پايتەخت - پېشت خەلقى ۋەتەنپەرۋەر شائىر پېتوفىنىڭ چاقىرىقى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دېموكراتىك ئىسلاھات ھەققىدە 12 ماددىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاۋسترىيە كورۇلى ئىلاجىسىز ئەركىن ئاقسۆڭەكلەر رەھبەرلىكىدىكى ۋېنگرىيە مىللىي ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا قوشۇلغان. 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋېنگرىيە پارلامېنتى خەلقنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، <مارت پەرمانى> نى ماقۇللاپ، ۋېنگرىيىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە ھەربىي ۋە مالىيەدە مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە ھەرخىل دېموكراتىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاۋسترىيە پادىشاھى چېخ ۋە ئىتالىيىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرغاندىن كېيىن، 9 - ئايدا ۋېنگرىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ۋېنگرىيىگە ئەسكەر كىرگۈزگەن. 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ۋېنگرىيىدە كوسۇت رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى قۇرۇلۇپ، مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشى قانات يايدۇرۇلغان. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇنجى غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەمدە ئاۋسترىيە چېگرىسىغىچە قىستاپ بارغان. ئاۋسترىيە خان جەمەتى ۋېنا ئۆكتەبر قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ۋېنگرىيە ئىنقىلابىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، 1849 - يىلى 1 - ئايدا، ئاۋسترىيە ئارمىيىسى پېشتنى ئىشغال قىلغان. 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئاۋسترىيە كورۇلى يېڭى ئاساسىي قانۇندا ۋېنگرىيىنى ئاۋسترىيىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. 4 - ئايدا، ۋېنگرىيىنىڭ ئىنقىلابىي كۈچلىرى يېڭىۋاشتىن ئۇيۇشۇپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ۋېنگرىيە مىللىي پارلامېنتى ۋېنگرىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى جاكارلاپ، كوسۇتنى دۆلەت باشلىقى قىلىپ سايلىغان. 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا پايتەخت ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى زور كۆپ قىسىم جايلار ئازاد قىلىنغان. 5 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاۋسترىيە چارروسىيىدىن ياردەم تىلەپ، روسىيىنىڭ 140 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق ئىستېلاچى قوشۇنى ۋېنگرىيىگە بۆلۈنۈپ تاجاۋۇز قىلىپ، ئىنقىلابنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان. 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كوسۇت تەسلىمچىلىرىنىڭ تەھدىت سېلىشى بىلەن، تۈركىيىگە قېچىپ كەتكەن. 8 - ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ۋېنگرىيە قوشۇنى قورال تاشلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. لېكىن ئىنقىلاب ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.