Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېندې بەگلىكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى文德国
wén dé guó
ۋىن دې قەبىلىلەر ئىتتىپاقىمۇ دېيىلىدۇ. پولابىسكى سلاۋىيانلار ئىلبا دەريا ئېغىزى بىلەن ئودېر دەريا ئېغىزى ئارىلىقىدا بالتىق دېڭىزى قىرغىقى بويلاپ قۇرغان ئەڭ دەسلەپكى فېئودال بەگلىك ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى. گېرمانىيىلىكلەر پولابىسكى سلاۋىيانلىرىنى ۋىندېنلار دېگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ئوبودرىتلاردىن بولغان ئاقسۆڭەك گوتشالىك تەختتە ئولتۇرغاندا ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بەگلىك قۇرغان ھەمدە خرىستىئان دىنىدىن پايدىلىنىپ بەگلەرنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. ئۇنىڭ ۋارىسى كرۇتوي تەختتە ئولتۇرغان دەۋردە ساكسۇن كىنەزلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، چېگرىسىنى شىمالىي دېڭىزغىچە يەتكۈزگەن. 1093 - يىلى گوتشالىكنىڭ ئوغلى ھېنرى كرۇتوينى ئۆلتۈرۈپ، گېرمانىيە فېئوداللىرىغا بېقىنغان، بەزى قەبىلىلەر ھېنرىنى ئېتىراپ قىلماي، پولشا بەگلىكى بىلەن بىرلەشكەن. 1119 - يىلى ھېنرى ئۆلگەندىن كېيىن بەگلىك زاۋالغا يۈز تۇتقان. تەخمىنەن 1129 - يىلىدىكى ئاخىرقى قېتىم يىمىرىلىشتە، ئۇ يەرلەر مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.