Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېنا شەرتنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى维也纳条约
wéi yě nà tiáo yuē
ۋېنا يىغىنى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترىيىلەر 1815 - يىل 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىمزالىغان روسىيە بىلەن پرۇسسىيىگە قارشى مەخپىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. مەقسىتى روسىيىنىڭ پولشاغا ئىگە بولۇشىنى، پرۇسسىيىنىڭ ساكسونىيىگە ئىگە بولۇشنى توسۇشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا يەنە شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرەرى تەھدىت ياكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چاغدا، قالغان ئىككى دۆلەت دەرھال ئارىلىشىدۇ ھەمدە 150 مىڭ كىشىلىك ھەربىي ياردەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. باۋارىيە، ھاننوۋېر، نىدېرلاند قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ كەينى - كەينىدىن بۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.