Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىلسون ۋەقەسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى威尔逊事件
wēi ěr xùn shì jiàn
فرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋىلسوننىڭ ھەربىي شەرەپ ئوردېنىنى سېتىۋەتكەنلىك سەتچىلىكى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋىلسون (1840 - 1919) ئۇزۇن مۇددەت زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئىلسې ئوردىسىدا ھەربىي شەرەپ ئوردېنىنى قانۇنسىز ھالدا سېتىپ، ئوتتۇرىدىن كۆپ پايدا ئالغان. 1887 - يىلى ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ دېلوغا چېتىلىدىغانلىقى بايقالغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ ئىناۋىتى تۆكۈلگەن، ۋىلسوننىڭ قېيىن ئاتىسى زۇڭتۇڭ گرېۋى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. لېكىن ۋىلسوننىڭ جىنايىتى يېنىك بېكىتىلگەن ۋە يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇلغاندىن كېيىن جىنايەتسىز دەپ ئېلان قىلىنىپ، يېڭىۋاشتىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. مەزكۇر ۋەقە فرانسىيە ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇق تەرەپلەرنى ئاشكارىلىغان، شۇنىڭدەك بۇلانگېر ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.