Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىللېم
دۇنيا تارىخى
威廉一世
wēi lián yí shì
(1772 - 1843) (1) ۋىللېم Ⅵ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نىدېرلاندىيىنىڭ كورۇلى (1815 - 1840). ئورانگې شاھزادىسى ۋىللېم Ⅴ (1748 - 1806) نىڭ ئوغلى. 1795 - يىلى فرانسىيە نىدېرلاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكتىن ئەنگلىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1802 - يىلى گېرمانىيە بىلەن ناپولېئون Ⅰ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، گېرمانىيىنىڭ فۇلدا ئېپىسكوپ زېمىنى قاتارلىق رايونلىرىغا ئىگە بولۇۋالغان. كېيىن پرۇسسىيىدە قاچاق بولۇپ يۈرگەن. 1813 - يىلى گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ <كورۇلى> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1814 - يىلى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا نىدېرلاندىيە بىلەن لېژى ئېپىسكوپ زېمىنى (يەنى بېلگىيە) نى گوللاندىيىگە قوشۇۋەتكەن. 1815 - يىلى نىدېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغان، قوشۇمچە بېلگىيە ۋە ليۇكسىمبۇرگ كىنەزلىكىنىڭ يەرلىرىنى باشقۇرغان. كورۇل بولغان مەزگىللىرى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بېلگىيە بىلەن گوللاندىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنى تەڭ قىلىشنى بەلگىلىگەن، تىلنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولۇپ، نىدېرلاندىيە تىلىنى <دۆلەت تىلى> قىلغان. سىرتقا قارىتا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ، مونوپولىيە تۈزۈمىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تاموژنا بېجىنى قوغداپ، نىدېرلاندىيە سودا شىركىتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ھىندۇنېزىيىدە تەدبىر قوللىنىپ، باشقا دۆلەت كاپىتال كۈچىنى چەتكە قاققان. 1830 - يىلى بېلگىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان. 1839 - يىلى شەرتنامە ئىمزالاپ، بېلگىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلاردىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى قوزغالغان ھەمدە لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن كالۋىنچىلارنىڭ <خوراز جەمئىيىتى> نىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ، قېلىپ، ئورنىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. (2) (1797 - 1888). پرۇسسىيە كورۇلى (1861 - 1888) فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅲ نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1848 - يىلى بېرلىن مارت قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرغانلىقى ئۈچۈن <سىنارەت شاھزادە> دەپ نام ئالغان. شۇ يىلى خەلق ئىنقىلابىنىڭ زەربىسىدە بىر مەزگىل ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1849 - يىلى بادېن - پفالتىس قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1849 - يىلدىن باشلاپ رىيىنلاند - ۋېستفالىيىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1858 - 1861 - يىللىرى ئاكىسى فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅳ نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان مەزگىللىرى نائىپلىققا تەيىنلەنگەن. 1861 - يىل 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. تەختتىكى مەزگىللىرى مۇتەئەسسىپلىك مەيدانىدا تۇرۇپ لىبېرالىستلارغا قارشى <ئاساسىي قانۇن ماجىراسى> كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان. كېيىن ۋەزىر بىسماركنى ئەتىۋارلاپ ئىشقا سالغان ھەمدە يۇنكېر پومىشچىكلار ۋە بۇرژۇئازلارنىڭ قوللىشى ئارقىسدا سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1871 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، فرانسىيىنىڭ ۋېرسال ئوردىسىدا تاج كىيىپ ئىمپېراتور بولغان.