Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋىللىيام سىتوبىس
دۇنيا تارىخى
(1825 - 1190) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس، <ئوكسىفورد ئېقىمى> نىڭ ئىجادچىسى. ئېپىسكوپ. 1848 - يىلى ئوكسىفورد داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، پوپ بولغان. 1862 - يىلى لانبىس كۇتۇپخانىسىنىڭ بشلىقى بولغان. 1866 - 1884 - يىللىرى ئوكسىفورد داشۆسى يېقىنقى زامان تارىخى بويىچە كورۇل تەيىنلىگەن پروفېسسور بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرى ئوكسىفورد داشۆسى ئەنگلىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1884 - يىلى چېستنىڭ ئېپىسكوپى بولغان، 1888 - يىلى ئوكسىفوردنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. ئۆمۈر بويى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تارىخىنى تەتقىق قىلغان. ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن <ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تارىخى> (ئۈچ توم) بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەگىللىرىدىن تاكى مىلادى ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي دەۋردىكى ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ئۈستىدە توختالغان. شۇنداقلا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ باشقا تەرەپلىرىدىمۇ توختالغان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەھۋاللار بايان قىلىنغان ئومۇمىي تارىخ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، <لولېس مەجمۇئەسى> (يەنى <برىتانىيە تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمى>) دىن ئىبارەت 19 توملۇق تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمىنى تۈزۈشتە زور تۆھپە قوشۇپ، <ئەنگلىيىنىڭ ۋايتىزى> دەپ ئاتالغان.