Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىللان
دۇنيا تارىخى
维兰
wéi lán
نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئاخىرقى مەزگىلىدىكى لاتىنچە Villani دىن كېلىپ چىققان. (1) غەربىي ياۋروپانىڭ فېئوداللىق دەۋردىكى دېھقانلار. مىلادى Ⅸ ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن. فرانسىيە، گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئىتالىيىدە ئۇلارنىڭ ئورنى سېرفلار (كرىپوستنوي دېھقانلار) دىن يۇقىرى بولغان. جىسمانىي ئەركىنلىككە ئىگە بولۇپ، ئۆزى ئىگىلىگەن ئۈلۈش يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولغان، باشقا خوجىلىق يەر ئىگىسىنىڭكىگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. ئەمما قانداقلا يەرگە بارمىسۇن، يەر مۇناسىۋىتى جەھەتتە بەرىبىر خوجىلىق يەر ئىگىسىگە بېقىنىپ، ئۇنىڭغا يەر ئىجارىسى ئۈچۈن پۇل ياكى نەرسە تاپشۇرۇشقا، ئازراق ئەمگەك قىلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان شۇنداقلا يەنە دۆلەت بېجى ۋە ئۆشرە تاپشۇرغان. ⅩⅣ - Ⅺئەسىرلەردە ئۇلارنىڭ سانى كۆپلەپ ئاشقان، ئۇنىڭ مەنبەسى بۇرۇنقى قۇللار، يېرىم ئەركىن دېھقانلار ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن سېرفلاردىن ئىبارەت بولغان. (2) ئەنگلىيىدە كرىپوستنوي دېھقانلارنىڭ ئاتىلىشى.