Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىلكېس دېلوسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى威尔克斯案件
wēi ěr kè sī àn jiàn
ئەنگلىيىدە ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ۋىلكېسنى سوت قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايغان بۇژۇئا دېموكراتىك ھەرىكىتى ۋەقەسى. ۋىلكېس (1727 - 1797) بۇرژۇئازىيە رادىكال ئاخبارات مۇخبىرى، تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزاسى بولۇپ، پارلامېنتنى ئىسلاھ قىلىش، دىنىي كەڭ قورساقلىقنى ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. 1762 - يىلى <شىمالدىكى برىتانىيىلىكلەر> گېزىتىنى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1763 - يىلى ئۇ مەركەز گېزىتتە كورۇلنىڭ پارلامېنتتا سۆزلىگەن تەبرىك سۆزىگە ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كورۇلنىڭ ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىنى ئەيىبلىگەن، شۇنىڭ بىلەن قولغا ئېلىنىپ سوتقا تارتىلغان. ئىككىنچى يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ئىش جامائەتچىلىكنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇنى قوللاش يۈزىسىدىن نامايىشلار بولۇپ، ئاخىر ۋىلكېس گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان. 1768 - يىلى يېڭىۋاشتىن تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا كىرگۈزۈلگەن. 1769 - 1772 - يىللىرى، ئۇ پارلامېنت ۋە بەزى ۋەزىرلەرنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىشتەك قىلمىشلىرىنى پاش قىلىدىغان ماقالىلەرنى كۆپلەپ يازغان. بۇ ئىش ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھۆكۈمەت يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان. 1774 - يىلى ۋىلكېس لوندون شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا ۋە تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. بۇ ۋەقە شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇش ھارپىسىدىكى ئەنگلىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۈندىن - كۈنگە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان سىنىپىي زىددىيەتنىڭ ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.