Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋلاد تېپېس
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1476) ۋالاخىيە كىنەزى (1456 - 1462، 1476)، تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، كىنەز ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. 1460 - يىلى تۈركىيە سۇلتانلىقىغا ئولپان تاپشۇرۇشتىن باش تارتقان. ئىككىنچى يىلى تۈركىيە سۇلتانى مۇھەممەد Ⅱ قوشۇن باشلاپ ۋالاخىيىگە ھۇجۇم قىلغان. تېپېس ئەركىن دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوراللىق كۈچىگە تايىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مۇھەممەد Ⅱ نى چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. شۇ يىلى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ۋېنگرىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1476 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، كېيىن ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.