Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋلادىسلاۋ
دائىرە: دۇنيا تارىخى弗拉基斯拉沃夫
fú lā jī sī lā wò fū
(1739 - 1813) بۇلغارىيىلىك ئېپىسكوپ، ئالىم. كوتېل شەھىرىدە تۇغۇلغان. يۇرتىدا كۆپ يىل پوپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1765 - يىلى كوتېلدا پائىسىي بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن تۈركىيە دائىرىلىرى ۋە يۇنان ئارخېئېپىسكوپىنىڭ زىيانكەشلىكى ئارقىسىدا، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بۇلغارىيىنىڭ شىمالغا كۆچۈپ كەلگەن. 1794 - يىلى ۋاراچانىسكېيدىن رايونىنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، پۈتكۈل رايوننى ئايلىنىپ، مۇرىتلىرىغا بۇلغار تىلىدا دىن ئەقىدىلىرىنى چۈشەندۈرگەن. 1803 - يىلى قولغا ئېلىنشىتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇخارېستقا كۆچۈپ كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. <گۇناھكار سوفرونىيىسنىڭ ھاياتى ۋە تارتقان جەبىر - زۇلۇملىرى> (سوفرونىيس ئۇنىڭ موناخ بولغان مەزگىلدىكى ئىسمى) دېگەن تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلق ۋە ئاپتورنىڭ تۈركىيە فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرى تەسۋىرلەنگەن، شۇڭا، ئۇ مۇھىم ئەدەبىي ۋە تارىخىي ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.
دائىرە: دۇنيا تارىخى弗拉第斯拉夫四世
fú lā dì sī lā fū sì shì
(1595 - 1648). پولشا كورۇلى (1632 - 1648). سىگىزمۇند Ⅲ نىڭ ئوغلى. 1610 - يىلى 8 - ئايدا، سىگىزمۇند Ⅲ بىلەن روسىيە ئاقسۆڭەكلىرى تۈزگەن شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە چار كورۇلى دەپ ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىنلا پولشا ئارمىيىسى موسكۋانى ئىگىلىگەن. 1612 - يىلى موسكۋا روسىيە پىدائىيلار قوشۇنى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان. 1617 - يىلى ۋلادىسلاۋ Ⅳ روسىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، ئىككىنچى يىلى چار كورۇل مىخائىل رومانوۋ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەن. 1632 - يىلى پولشانىڭ كورۇللۇق تاجىنى كىيگەن. 1634 - يىلى روسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە بولغان تەلىپىدىن ۋاز كەچكەن.
دائىرە: دۇنيا تارىخى弗拉第斯拉夫三世
fú lā dì sī lā fū sān shì
(1424 - 1444) پولشا كورۇلى (1434 - 1444)، ۋېنگرىيە كورۇلى (1440 - 1444)، ياگەيلونىڭ ئوغلى. ياش - قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن، كراكوۋ ئېپىسكوپى زىگنېۋ ئولىسنىسكى مۇۋەققەت نائىب بولغان. 1443 - يىلى ۋېنگرىيە گېنېرالى ھۇنيادى بىلەن بىللە پولشا - ۋېنگرىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە سۇلتانى مۇراد Ⅱ نى مەغلۇپ قىلغان. 1444 - يىلى 7 - ئايدا، ئىككى تەرەپ ئون يىللىق سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، تۈركىيە سېربىيە، ئالبانىيە ۋە ئىشغال قىلىۋالغان ۋېنگرىيە زېمىنىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇزاققا قالماي ئۇرۇش يەنە كۆتۈرۈلەەن. شۇ يىلى 11 - ئايدىكى ۋارنا جېڭىدە، ۋېنگرىيە بىلەن ۋالاخىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى مۇراد Ⅱ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئۇ مۇشۇ جەڭدە ھالاك بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.