Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋىكتورىيە
دۇنيا تارىخى
(1819 - 1901)، ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى (1837 - 1901)، ھىندىستان كورۇلىۋاسى (1876 - 1901). كېنت گرافى ئىدۋارد (1767 - 1820) نىڭ قىزى. 18 ياش چېغىدا تاغىسى ۋېلھېلم Ⅳ نىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوردا ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، پېئېل، دىسرائېلى قاتارلىق باش ۋەزىرلەر بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتكەن، ئەمما پالمېرىستون ۋە گلادىستونلار بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە ئىناق بولمىغان. ئۇنىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلى، ئەنگلىيە تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئەنگلىيە تارىخىدىكى <ئالتۇن دەۋر> دەپ ئاتالغان. بۇ مەزگىلدە ئەنگلىيە سىرتقا تېز كېڭىيىپ، ناھايىتى زور مۇستەملىكە بەرپا قىلىپ، <كۈن پاتماس ئىمپېرىيە> دەپ نام ئالغان؛ سانائەت ۋە سودا تېز تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا سودىسى ۋە سانائىتىدە بىر مەھەل مونوپوللۇق ئورۇننى ئىگىلىگەن.