Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىكسېل
دائىرە: دۇنيا تارىخى维克塞尔
wéi kè sāi ěr
(1851 - 1926)، شۋېتسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، شۋېتسىيە ئىقتىساد ئىلمىي ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1885 - 1890 - يىللاردا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىلىم ئاشۇرغان. 1904 - يىلدىن باشلاپ ئۇزاق مۇددەت لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى ئۆتىگەن. 1916 - يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، تەتقىقات بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانغان. ئۇ چەكلىك ھالدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلىدىغان قىممەت نەزەرىيىسى، چەكلىك ھالدا ئىشلەپچىقىرىش نەزەرىيىسى ۋە ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇق نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ، پۇل، ئامانەت -قەرز ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تەتقىق قىلغان. كېينېس ۋە ۋېنا ئىقتىساد ئىلمىي ئېقىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن. يېڭى مالتۇس نوپۇس نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇغۇتقا چەك قويۇش ۋە ئاھالە كۆچۈرۈش ئارقىلىق نوپۇس بېسىمىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. <پايدا بىلەن قىممەت>، <مالىيە نەزەرىيىسى تەتقىقاتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.