Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋيېنتيان
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر万象
wàn xiàng
لائوسنىڭ پايتەختى، ۋيېنتىيان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئولاسنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋيېنتىيان تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىغا، مېكونگ دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 337 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ۋيېنتىيان لائوسنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. كېيىن بىرنەچچە قېتىم پايتەخت بولغان. ۋيېنتىيان لائوسنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جاي 17 -، 18 - ئەسىرلەردىلا مۇھىم سودا مەركىزى بولغان، ھازىر پۈتۈن لائوستىكى زاۋۇت، فابرىكىلارنىڭ 4/3 قىسمى مۇشۇ شەھەرگە مەركەزلەشكەن. شەھەردە ياغاچچىلىق، خىش زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق، سەرەڭگە، سوپۇن، نەققاشچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ۋيېنتىيان شەھىرىدە مەشھۇر بۇتخانىلار، ئاتاقلىق بۇت مۇنارلىرى، شەھەرنىڭ يېنىدا ئاتاقلىق خەلقئارا ئايرودرومى بار. 13 - نومۇرلۇق تاشيول شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
万象
wàn xiàng
GetWord كۇللىياتى
9万象
万象【地名】
wàn xiàng9万象
万象【世界各国】
wàn xiàng
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.