Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېيگاند
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
韦冈
wéi gāng
دۇنيا تارىخى
魏刚
wèi gāng
(1867 - 1965) فرانسىيىنىڭ ھەربىي قوماندانى. 1888 - يىلى سېن - شىر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1920 - 1922 - يىللاردا فرانسىيىنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ، سوۋېت روسىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. 1923 - 1924 - يىللىرى سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي بولغان. 1930 - 1935 - يىللىرى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان، 1939 - يىلى سۈرىيە ۋە لىۋاندا تۇرۇشلۇق فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، 1940 - يىلى 5 - ئايدا گامېلىننىڭ ئورنىنى دەسسەپ ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. لېكىن مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇ كېتەلمىگەن. شۇ يىلى 7 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، ۋېيشى ھۆكۈمىتىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان، كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولۇپ شىمالىي ئافرىقىغا ئەۋەتىلگەن، ئالجىرىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1942 - يىلى 9 - ئايدا قولغا ئېلىنغان ۋە گېرمانىيىدە قامالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغان. 1948 - يىلى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن.