Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېيدېمېيېر
دۇنيا تارىخى
(1818 - 1866) گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى، ماركس، ئېنگېلسنىڭ سەپدىشى. ۋېستفالىيىدىكى ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بېرلىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا پرۇسسىيە توپچى قىسىملىرىدا ئوفىتسېر بولغان. 1845 - يىلى ئارمىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1847 - يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئىنقىلابى مەزگىلدە، ۋېستفالىيىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلابقا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ھام ئىشچىلار بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 1840 - 1850 - يىللىرى دېموكراتلارنىڭ ئورگان گېزىتى - <يېڭى گېرمانىيە گېزىتى> نىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى بولۇپ، ماركس تۈزگەن پرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ تاكتىكىسىنى ھىمايە قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، كېيىن نيۇ - يوركتا ئولتۇراقلىشىپ، ماركس، ئېنگېلس بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان. 1852 - يىلى 5 - ئايدا، زورگې قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە نيۇ - يوركتا ئامېرىكىدىكى تۇنجى ماركسىزمچى تەشكىلات - <پرولېتارلار ئىتتىپاقى> نى تەشكىل قىلىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان يادرو بولۇپ قالغان. شۇ يىلى ئامېرىكا بويىچە تۇنجى ماركسىزملىق نەزەرىيىۋى ژۇرنال يەنى نېمىسچە <ئىنقىلاب> ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، ماركسنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئېلان قىلغان. 1853 ـ يىلى 3 - ئايدا يەنە گېرمانىيە كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان <ئامېرىكا ئىشچىلىرى جەمئىيىتى> نى قۇرغان ھەمدە <ئىسلاھات گېزىتى> نى چىقارغان. 1857 - يىلى چىكاگودا گېرمانىيە تەۋەلىكىدىكى ئىشچىلارنى تەشكىللەپ، <چىكاگو ئىشچىلار جەمئىيىتى> نى قۇرغان. 1861 - 1865 - يىللىرىدىكى ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىپ، كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شتات ئارمىيىسىدە پولكوۋنىك، كوماندىر چاغدا، ئامېرىكا ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1866 - يىلى ئۇنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، <ئامېرىكا ئەمگەكچى ئىشچىلار بىرلەشمىسى> قۇرۇلغان. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.