Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەسۋەسە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توغرا يولدىن ئازدۇرۇش؛ ئىككىلەندۈرۈش؛ ۋەسۋەسە:
ئىمان تاپقان كىشىگە ھەق رەھمەتىدىن،
غەم يوق شايتان ۋەسۋەسەيۇ زەمەتىدىن نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شۈبھىلەندۈرمەك، يولدىن چىقارماق، ئاينىتماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
غەم - ئەندىشە، تەشۋىش؛ كىشىنى ۋەھىمىگە، ھاياجانغا سالىدىغان ئوي - خىياللار.
شۇنىڭ بىلەن شاھزادە ئوزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇرۇپ ئىشق ۋەسۋەسىگە چۈشۈپتۇ.
كىشىنى يولدىن ئازدۇرىدىغان گەپ - سۆز، ھەرىكەت.
ئەرنىڭ قېرىتىدىغان نەرسە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، مۆمىن مۇھەممىدىنىڭ ھكېايە - نەسرىي ئەسەرلەر توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1985 - يىل 7 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <قىلىچ>، <ئۇچرىشىش>، <تۇغقان يوقلاش>، <يېڭى مەھەللە> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.