Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋەھىي خاتىرىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى默示录
mò shì lù
ئىراندىكى باب مۇرىتلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابى. باب دىنىنىڭ ئاساسچىسى سەيىد ئەلى مۇھەممەد (1819 - ياكى 1820 - 1850) <قۇرئان> غا تەقىلد قىلىپ يېزىپ چىققان، 1847 - يىلى پۈتتۈرگەن. كىتابتا باب ئەقىدىسىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى يەنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەربىر دەۋرلىرىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئالمىشىپ راۋاجلىنىدىغانلىقى، كونا دەۋردىكى تۈزۈم ۋە قانۇننىڭ ئورنىنى يېڭى دەۋردىكى تۈزۈم ۋە قانۇننىڭ ئالىدىغانلىقى، لېكىن ئۇنى <خۇدا> ئەۋەتكەن <پەيغەمبەر> نىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان؛ ئىسلام دىنىنىڭ كونا ئەقىدىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، جەمئىيەتنى سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىش، زۇلۇم بولمىغان، ھەممە كىشى باراۋەر بولىدىغان يېڭى <ھەققانىيەتلىك پادىشاھلىق> قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. مەزكۇر كىتابتىكى دىنىي ئەقىدىلەر شۇ چاغدىكى ئىران خەلقىنىڭ ئازۇرسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇ، كېيىنكى بابى دىنى مۇرىتلىرى قوزغىلىڭىدا يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.