Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەھىد بىھباھانى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1706 - 1792) شىئە مەزھىپىدىكى فەقىھ، ئۇسۇلىيەگە ئاساس سالغان ئادەم. ئىسفاھاندا دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن كەربالادا قۇرئان، ھەدىس ۋە فىقھە ئوقۇدى. كېيىن بىھباھانغا بېرىپ 30 يىل مۇددەرىسلىك قىلدى. ئالەمدىن ئۆتكىچە كەربالادا ياشىدى. مەجلىسى كەربالادا شىئە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالارنىڭ مەركىزىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئەڭ مۇھىم ئۆلىما، دەپ تونۇلدى. فىقھە جەھەتتە قۇرئاننى، ھەدىسنى، ئىجمائنى ۋە ئىدراكنى مەنبە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئەنئەنىگە ۋە ھەدىسكە قارىغۇلارچە ۋارىسلىق قىلىشقا قارشى تۇردى، ئەينى چاغدىكى مۇجتەھىدنىڭ ئىجتىھاد ۋە ھۆكۈم رولىغا ئەھمىيەت بەردى. بۇ ھال ئەينى چاغدا مۇجتەھىدنىڭ ھوقۇقى ۋە تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن <مەرجائەت تەقلىد> دېگەن نام پەيدا بولدى. 18 -ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاران 3 - 4 ئادەم مۇجتەھىدنىڭ شىئە فىقھەسىدىكى رولى ۋە ئورنىنى تەكىتلىگەن بولسا، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى مۇجتەھىدچىلەرنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يەتتى. ئەخبارىيە ئەزالىرىنى <كاپىر> لار دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە <مىرخەباد> تەشكىللەپ ئۇلارنى پرسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇسۇلىيەنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ۋەھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىدى. ئۇ <ئىجتىھاد ۋە ھەدىس> ناملىق ئەسىرىدە شىئە مەزھىپىدىكى فىقھەنىڭ تۆت مەنبەسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئەخبارىيەنىڭ پرسىيىدىكى ئورنىنى ئىگىلىدى. بۇ نەزەرىيە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەناتىھۇل غەيىب< كە ئىزاھات> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.