Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋىدوفدان ئاساسىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
维多夫丹宪法
wéi duō fū dān xiàn fǎ
1921 - يىلى يۇگوسلاۋىيىدىكى سېربىيە بۇرژۇئازىيىسى تۈزگەن دۆلەت ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدىغان ئاساسىي قانۇن. <مۇقەددەس ۋىدوفدان بايرىمى> (6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) ماقۇللانغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1920 - يىلى 5 - ئايدا يۇگوسلاۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى سېربىيە <رادىكاللار پارتىيىسى> نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا مىللىي پارلامېنت يىغىنىنى ئېچىپ، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقماقچى بولغان، ئەمما ئىتتىپاق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كرۇدىيە ۋە سلوۋېنىيە قاتارلىق رايونلارنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1921 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى لايىھىسىنى ماقۇللاپ، <سېربىيە - كرۇدىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى> ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ دەپ جاكارلىغان. ئاساسىي قانۇن مىللىي مۇستەقىللىك ھوقۇقى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا تامامەن ئېتىبارسىز قارىغان. بۇ ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە چوڭ سېربىيىچىلىك كۈچىيىپ، مىللەتلەر ئارا زىددىيەت چوڭقۇرلاشقان.