Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېچې
دۇنيا تارىخى
رۇسچە Beue نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، رۇس تىلىدىكى ۋېششات دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، <كېڭەش> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مىلادى Ⅸ - Ⅵئەسىرلەردە پراۋسلاۋىيان قەبىلىلىرىنىڭ خەلق چوڭ يىغىنى؛ ⅩⅤ - Ⅹ ئەسىرلەردە قەدىمكى كيېۋرۇسنىڭ ھەرقايسى كىنەزلىكلىرىدىكى بەزى شەھەرلەر (مەسىلەن: كيېۋ، چېرنىگوۋ، سىمولىنىسكى، رۇستوۋ، نوۋوگورود، ۋىلادىمىر قاتارلىقلار) نىڭ ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى.Ⅻ - Ⅺ ئەسىرلەردە شەھەر ئەمەلدارلىرىنى سايلاش، ئەدلىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، كىنەزلەرنى چاقىرتىش ۋە يەڭگۈشلەش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار قىلىش ھوقۇقى بولغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى مۇقىم بولمىغان، ئەمەلىي ھوقۇقى كۆپىنچە چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ قولىدا بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ بېشىغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىكار قىلىنغان.