Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋائۇسوپ مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
رۇسىيە رايونىدىكى سوپا مەزھىپىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى قازاندىكى تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما ۋائۇسوپ قۇرغان. ئەقىدە جەھەتتە ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇملاشقان نەقىشبەندىيە تەسەۋۋۇپچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئۇلار تۈپتىن ياخشىلاشنى، ئىماننى پاكلاشتۇرۇشنى، شەرىئەتنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى. بىدئەتلىككە قارشى تۇردى. ئەنئەنىۋى ئەقىدىنى چۈشەندۈرىدىغانلار ھۆكۈمەت بىلەن مۇرەسسە قىلىدىغان ئۆلىمالار بولماستىن، بەلكى تەسەۋۋۇپچى شەيخلار، پىر - ئىشانلار (خوجىلار) بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. 1862 - يىلى ۋائۇسوب قازاندا مەسچىت سېلىپ، ئۇنى <پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلە دۇئا - تىلاۋەت قىلىدىغان ساراي> دەپ ئاتاپ، ئۆزىنى ئەنئەنىۋى ئۆلىما دەپ قارىغانلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەزھەپلەر ئارا توقۇنۇشقا سەۋەبچى بولدى. دۇئا - تىلاۋەت سارىيى 1884 - يىلى چېقىۋېتىلدى. مەزھەپنىڭ باشلىقى ۋە تايانچ كۈچلىرى <بىدئەتلىك> نى تارقاتتى، دېگەن گۇناھ بىلەن سوراق قىلىندى. ۋائۇسوب ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا قامىلىپ ئۆلدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى نەزەربەند ياكى سۈرگۈن قىلىندى. قالغان ئادەملىرى يوشۇرۇن پائالىيەتكە كۆچكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ۋائۇسوبنىڭ ئوغلى رەھبەرلىك قىلىپ، دىنىي تەرغىبات پائالىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم باستۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ باشلىقى 1895 - يىلى كۇيە ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى. 1905 - يىلىدىكى كەچۈرۈمدىن كېيىن قازانغا قايتىپ كەلدى. بۇ مەزھەپ 1918 - يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ، كېيىن جىم - جىم يوقاپ كەتتى.