Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋاتسېتىس
دائىرە: دۇنيا تارىخى瓦采齐斯
wǎ cǎi qí sī
(1873 - 1938) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىچىسى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پىيادە ئەسكەرلەر پولكىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە پولكنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شەرق ئۇرۇش لىنىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1918 - يىلى 9 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى 7 - ئايغىچە، سوۋېت روسىيىسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1919 - يىلى 8 - ئايدىن 1921 - يىلىغىچە ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1922 - يىلدىن باشلاپ ھەربىي ئىنستىتۇت (كېيىن فرونزې ھەربىي ئىنستىتۇتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) تا پروفېسسور بولغان. <كەلگۈسى ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسى> قاتارلىق ھەربىي ئىلىمغا دائىر كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.