Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاسىل بىننى ئاتا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى مۇئتەزىلىيە مەزھىپىنىڭ مۇتەكەلىمۇنى. ئازاد قىلىنغان قۇل. مەدىنىدە دۇنياغا كەلگەن. كېيىن بەسرەگە كۆچۈپ كېلىپ، ھەسەن بەسرىدە ئوقۇدى. گۇناھى كەبىر سادىر قىلغۇچىلار مۆمىنمۇ ياكى مۇرتەدمۇ، دېگەن مەسىلىدە ئۇلار مۆمىنمۇ ئەمەس، مۇرتەدمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئورنى ئاشۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. بۇ تەشەببۇس بىلەن ھەسەن بەسرىنىڭ قارشى تېپىشىپ قالدى. يەنى ئەمىر ئىبنى ئۇبەيرە (699 - 761) بىلەن ۋەزخانىدىن چىقىپ كېتىپ، مۇئتەزىلىيە (بۆلۈنۈپ كەتكۈچى، دېگەن مەنىدىكى سۆز) دەپ ئاتالدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ۋاسىل بىننى ئاتا سۆزگە ئۇستا، مەزھەپلەرنىڭ فقھەسىگە پىششىق ئىكەن. ئۇ ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىنسان ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئىدراكنىڭ ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. ئاللانىڭ ئۆز زاتىدىن باشقا ئەۋۋىلى يوق سۈپىتىنى ئىنكار قىلدى.