Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋاسىلى
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى瓦西利
wǎ xī lì
دائىرە: دۇنيا تارىخى瓦西里三世
wǎ xī lǐ sān shì
(1479 - 1530) موسكۋا باش كىنەزى (1505 - 1533) ۋە پۈتۈن روسىيە باش كىنەزى (1521 - 1533). تەختكە چىققاندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا دادىسى ئىۋان Ⅲ نىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، قوشنا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئاخىر شەرقىي شىمال روسىيىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ۋارىسى بولمىغان ۋوگكولامىسىك ۋە كالۇگا قاتارلىق سۇيۇرغال كىنەزلىكلەرنى قوشۇۋالغان. 1510 - يىلى ۋە 1521 - يىلى يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پىسكوۋ ۋە رەزان كىنەزلىكلىرىنى موسكۋاغا قوشۇۋالغان. 1514 - يىلى لىتۋا باش كىنەزلىكىنى مەغلۇپ قىلىپ، لىتۋا پانلىرى ئىگىلىۋالغان سىمولېنىسكىنى قايتۇرۇۋالغان. ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى چەكلەپ كۈچلۈك مەركىزىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنى قۇرۇپ چىقىپ، فېئودال خوجىلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا يول قويماي، يەرلىك مەمۇرىي ئورگانلارنى ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىلىرىگە تۇتقۇزغان. يەنە ئەسكىرىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئاقسۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان قوشۇنغا ئىگە بولغان. ئەسلىدە جايلاردا تەپرىقىچىلىك قىلىپ مۇستەقىل بولۇۋالغان فېئودال خوجىلارمۇ موسكۋاغا ئىتائەت قىلىشقا باشلىغان. مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، موسكۋا باش كىنەزى پۈتكۈل دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن، بىرلىككە كەلگەن رۇس دۆلىتىنى ئاساسەن قۇرۇپ چىققان. شەرق ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتمۇ كۈچەيگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.