Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاشىنگتون
يۈز مەشھۇر شەخىس
1732 - 1799
گېئورگى. ۋاشىنگتون 1732 - يىلى ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ۋېستىمولاند دېگەن يېرىدە توغۇلدى. ئۇ بىر ھاللىق قورۇق ئىگىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 20 يېشىدا كاتتا بىر قورۇققا ۋارىسلىق قىلدى.
1753 - 1758 - يىللىرى ۋاشىنگتون ھەربىي سەپتە ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ فرانسىيە - ھىندىستان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە تەجرىبىگە ئىگە بولىدۇ ھەمدە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
1758 - يىلى، ۋاشىنگتون ھەربىيلىكتىن يېنىپ، ۋىرگىنىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككى بالىسى بار بىر تۇل خوتۇن بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇ توي قىلغاندىن كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە، قورۇق ئىشلىرىنى ناھايىتى نەتىجىلىك باشقۇرۇپ كەلدى. 1774 - يىلى ۋاشىنگتون ۋېرگىنىيە پارلامېنتىغا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىلىپ، بىرىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىغا قاتناشتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئامېرىكا يېرىم مۇستەملىكىسىدىكى ئەڭ باي ئادەمنىڭ بىرى ئىدى. 1775 - يىلى 6 - ئايدا، چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى ئۇنى بىردەك چوڭ قۇرۇقلۇق قوشۇنىنىڭ باش قوماندانلىقىغا سايلىدى. ۋاشىنگتون بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەشكە مۇناسىپ ئىدى. چۈنكى ئۇ ھەربىي ئىشلاردا تەجرىبىسى بار، بايلىقى ئېشىپ - تېشىپ تۇرىدىغان، ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ناھايىتى قاۋۇل ئىدى. بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.6 فوت كېلەتتى ھەمدە تاش يۈرەك، ئىرادىلىك، كەسكىن ئادەم ئىدى، باشقۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ئىدى. ئۇرۇش مەزگىللىرىدە، ۋاشىنگتون باشتىن - ئاخىر ھەربىي ۋەزىپىنى ھەقسىز ئۆتىگەنىدى، خىزمەت قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى.
ۋاشىنگتون ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى 1775 - يىل 6 - ئايدىن 1797 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، يەنى چوڭ قۇرۇقلۇق باش قوماندانى بولغان مەزگىلدىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىن چۈشكەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئەمەلگە ئاشۇرغانىدى. ئۇ 1799 - يىلى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچ سائەت ئوندا، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋىرگىنىيەدە ئۆيىدە ۋاپات بولدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ياراتقۇچىلىرىنىڭ بىرى، پۈتۈن ھاياتىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان شەخس، ۋاشىنگتوننىڭ ئابرۇيى مۇنداق ئۈچ جەھەتتە تىكلەنگەن؛
بىرىنچىدىن، ئۇ ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ھەربىي گېنېرال. دەرۋەقە، ۋاشىنگتون ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋە قەيسەرلەردەك ھەربىي تالانتقا ئىگە شەخس ئەمەس، ئۇنىڭ غەلىبىسى قارىماققا ئۇنىڭ بىلەن تۇتاشقان ئەنگلىيە قوشۇنى قوماندانىنىڭ قابىلىيىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولغاندەك قىلىدۇ. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ نۇرغۇنلىغان قوماندانلىرى مەغلۇپ بولغاندا، ۋاشىنگتون گەرچە ئاز - تولا كەتتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يېڭىباشتىن پىلان تۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز جەڭ قىلىپ، ئاخىرى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.
ئىككىنچىدىن، ۋاشىنگتون ئاساسىي قانۇننىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى ئىدى. مۇبادا ۋاشىنگتوننىڭ رولى بولمىغان بولسا، ھەرقانداق بىر قانۇننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى، چۈنكى، يېڭى ئاساسىي قانۇنغا قارشى كۈچ ھىلىھەم مەۋجۇت.
ئۈچىنچىدىن، گېئورگى. ۋاشىنگتون گەپ - سۆزى ۋەزىنلىك، مەرتىۋىسى ئۈستۈن، ئالىي پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولۇشى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تەلىيى دېيىشكە بولىدۇ. بىز جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئافرىقىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئەللەرنىڭ تارىخىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، يېڭى بىر دۆلەت گەرچە بۇ دۆلەت ئىشىنى دېموكراتىيە ئارقىلىق قانۇن تۇرغۇزۇشتىن باشلىغان بولسىمۇ، ئاسانلا ھەربىي دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈش يولىغا كىرىپ قالاتتى. لېكىن ۋاشىنگتون قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ياش دۆلەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە مۇنقەرز بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ۋاشىنگتوننىڭ ئۆمۈرۋايەت ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىيىتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ كورۇل ۋە ئىستىبدات بولغۇسى يوق ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ ئاساسىي قانۇن بويىچە سايلام قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلدى. بۇ تۈزۈم ھازىرغىچە ئەمەل قىلىنىپ كېلىنمەكتە. مانا بۇ تىنچلىق بىلەن ھوقۇق ئالماشتۇرۇشتۇر.
گېئورگى. ۋاشىنگتون ئامېرىكا مۇستەقىللىك ھەرىكىتى ئۈچۈن رەھبەرلىكنى ئىجرا قىلغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەركىبلەرنى كىرگۈزدى؛ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەيلى ئۇرۇش مەزگىلى ياكى تىنچلىق مەزگىللىرىدە بولسۇن، ھەرقانداق بىر ئىجادىي ھەرىكەت بۇنىڭدىن ئايرىلالمىدى. ۋاشىنگتون ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋە ناپولېئونلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇشقا ھەقلىق، چۈنكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كېيىنكى ئىككىيلەننڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت دەۋر سۈردى.
دۇنيا تارىخى
(1732 - 1799) ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، تۇنجى زۇڭتۇڭ (1789 - 1797). ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ ۋېسمورلاند دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا يەر ئۆلچىگۈچى بولغان. كېيىن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلىپ مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1755 - يىلى ۋىرگىنىيە يەرلىك قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قوماندانى بولۇپ، كېيىن كولونېللىققا ئۆستۈرۈلگەن. يەتتە يىللىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، 1758 - يىلى قوشۇندىن چېكىنگەن. 1759 - 1774 - يىللىرى ۋىرگىنىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1774 - ۋە 1775 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىلى بولغان ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ترېنتون (1776)، پرىنستون (1777)، ۋاللىفۇچ ۋە يوركتوۋن (1781) ئۇۇرشلىرى ئارقىلىق ئەنگلىيە قوشۇنىنى يەڭگەن. 1783 - يىلىدىكى <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> ئارقىلىق ئەنگلىيىنى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1787 - يىلى قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1789 - يىلى تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1793 - يىلى قايتا تەيىنلەنگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان ۋە تاشقى سودىنى قوغدىغان؛ قوشما شتاتلار بانكىسىنى تەسىس قىلغان؛ ئەدلىيە نىزامنامىسىنى جاكارلىغان؛ قوشما شتات ئالىي سوتىنى قۇرۇپ چىققان. 1794 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن <جون جېيى شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئامېرىكا مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، كېيىن كېسەل بىلەن قازا قىلغان. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقتىن <ئامېرىكا دۆلەت ئاتىسى> دەپ نام ئالغان.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ پايتەختى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ئاتلانتىك ئوكيانغا يېقىن بولۇپ، پوتوماك دەرياسى ئارقىلىق كىچىك تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ. شەھەر ئاھالىسى 637 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ ئىچىدە نېگىرلار 450 مىڭدىن ئاشىدۇ. ۋاشىنگتون شەھىرى 1790 - يىلى ئا ق ش نىڭ بىرىنچى زۇڭتۇڭى ۋاشىنگتوننىڭ تەكلىپى بويىچە پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئا ق ش نىڭ پايتەختى 1800 - يىلى بۇرۇنقى پايتەختى فىلادېلفىيە شەھىرىدىن ھازىرقى شەھەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن. ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېغىر سانائەت ئورۇنلىرى يوق. پەقەت يېنىك تىپتىكى نەشرىيات، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، بۇ جايدا ھەيۋەتلىك پارلامېنت بىناسى، ئاق ساراي، بەش بۇرجەكلىك بىنا، نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، ۋاشىنگتون نامىدىكى خاتىرە مۇنارىسى، لىنكولىن (1860 - يىلى 11 - ئايدا ئا ق ش غا زۇڭتۇڭ بولغان كىشى)، جېففېرسون خاتىرە مۇنارلىرى، نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىسى، 1789 - يىلى قۇرۇلغان گېئورتون داشۆسى، 1812 - يىلى قۇرۇلغان گېئورگى، ۋاشىنگتون نامىدىكى داشۆ قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتى، پەن - تېخنىكا تارىخى مۇزېي، ۋاشىنگتون نامىدىكى چوڭ چېركاۋ، ئالەم مۇزېيخانىسى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار. شەھەرنىڭ ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ۋاشىنگتوننىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ نۇرغۇن تارماق تۆمۈريوللار ئارقىلىق شەرقىي شىمالدا فىلادېلفىيە، نيۇ - يورك قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن، غەربتە بىتىتسبورگ، جەنۇبتا رىچموند شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق دۆلەتتىكى چوڭ شەھەرلەر، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلالايدۇ. شەھەرنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستى قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ۋاشىنگتوندىكى بىرىنچى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1974 - يىلى سېلىنغان.