Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋارنا ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى瓦尔纳战役
wǎ ěr nà zhàn yì
1444 - يىل 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سۇلتان مۇراد Ⅱ قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى (تەخمىنەن 40 مىڭ كىشى) بىلەن پولشاغا قوشۇمچە ۋېنگرىيە پادىشاھى ۋلادېسلاۋ Ⅲ ھەمدە ۋېنگرىيە گېنېرالى ھۇنيادى قوماندانلىقىدىكى ۋېنگرىيە - ۋالاخىيە بىرلەشمە قوشۇنى (تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى) ۋارنا (بۇلغارىيە قارا دېڭىزىنىڭ بويىدا) نىڭ يېنىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. ئۇرۇش نەتىجىسىدە، بىرلەشمە ئارمىيە يېڭىلىپ، ۋلادېسلاۋ Ⅲ ھالاك بولۇپ، ھۇنيادى قېچىپ قۇتۇلغان. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن تۈركلەر بالقان يېرىم ئارىلىدىكى قارا دېڭىزنىڭ بويىدا ۋارنادىن ئىبارەت بۇ مۇھىم دېڭىز پورتىنى كونترول قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.