Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋارلې
دائىرە: دۇنيا تارىخى瓦尔莱
wǎ ěr lái
(1764 - تەخمىنەن 1832) فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئەسەبىيلەر گۇرۇھى ئەربابى. ئەسلىدە پوچتىكەش. ئىنقىلاب مەزگىلىدە تەشۋىقات - تەرغىبات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنى <ئەركىنلىك ئەلچىسى> دەپ ئاتىغان. 1792 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ ئولىگارخېينى شەكىللەندۈرگەنلىكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، ياكۇبىن كۇلۇبىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۆزىنى <ئەركىنلىك ئەلچىسى> دەپ ئاتاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، داۋاملىق تەرغىبات بىلەن شۇغۇللانغان. مەخپىي ئىسيان كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولۇپ، گىروندىچىلار ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. 5 ـ ئاينىڭ 31 - كۈنى ۋە 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭلارغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. مۈلۈك ھوقۇقىغا چەك قويۇش، باي - كەمبەغەللىك پەرقىنى تارايتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاك. روئۇش قاتارلىقلار بىلەن بىللە، باھاغا چەك قويۇش ۋە ھايانكەشلىكنى بىكار قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. 1799 - يىلى تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن سىياسىيدىن قول ئۈزگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.