Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋارگاس
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى瓦尔加斯
wǎ ěr jiā sī
دائىرە: دۇنيا تارىخى瓦加斯
wǎ jiā sī
(1883 - 1954) برازىلىيە زۇڭتۇڭى (1930 - 1945، 1951 - 1954). چارۋىدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھەربىي ۋە قانۇن ئىلمىدىن تەربىيە ئالغان. 1922 - يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. شتات باشلىقى، مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1930 - يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە پارلامېنتنى تارقىتىپ، ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلىپ، بارلىق پارتىيىلەرنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، خەلق دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان. 1945 - يىلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 1951 - يىلى يەنە زۇڭتۇڭ بولغان. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكا بىلەن برازىلىيە - ئامېرىكا ھەربىي ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، برازىلىيە - ئامېرىكا ئىقتسادىنى ئېچىش بىرلەشمە كومىتېتىنى قۇرۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئامېرىكىغا تايانغان. لېكىن خەلقنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش بۇيرۇقىنى جاكارلىغان؛ چەت ئەل مەبلىغىنى يېڭىۋاشتىن تىزىملاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئىمپورت سودىسى ۋە چەت ئەل شىركەتلىرى پايدىسىنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشىگە چەك قويغان؛ ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش پەرمانىنى ئىمزالىغان، ۋەھاكازالار. 1954 - يىلى 8 - ئايدا ھۆكۈمرانلىقى ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.