Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋارد
دۇنيا تارىخى
(1841 - 1913) ئامېرىكىلىق سوتسىولوگى. ئىللىنويس شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1871 - يىلى كولومبىيە ئىنستىتۇتى (ھازىرقى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى) نى پۈتتۈرگەن. 1881 - 1906 - يىللىرى زوئولوگىيە ۋە پالېئونتولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە سوتسىولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1906 - يىلى بران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سوتسىولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى بولغان ھەمدە ئامېرىكا سوتسىولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى بولغان. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى نەزەرىيىسىنى ياراتقان. ئىنسانلارنىڭ تىرىكچىلىك شارائىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت شەخسىي ئىستەكنى ھازىرلىغاندىلا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىلگىرلەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت ئىنسانلار روھىي ھالىتىنىڭ مەھسۇلى دېگەننى چۈشەندۈرمەكچى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ھەرىكەت ھالەتتىكى سوتسىولوگىيە>، <مەدەنىيەتتىكى پىسخىك ئامىللار>، <ساپ سوتسىولوگىيە>، <ئالەمگە نەزەر> قاتارلىقلار بار.