Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاراق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
سۇيۇق نەرسىلەر قاينىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
پارچە، بەت.
بىر ۋاراق قەغەز. * بۇ كىتاب 100 ۋاراق بوپتۇغۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
نەرسىلەرنىڭ يەرگە چۈشكەن ئاۋازى.
ئۇنىڭ دەپتىرى ۋاراق قىلىپ يەرگەچۈشتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب، ژورنال، خەت - ئالاقىلەرنىڭ ھەربىر يۈزى.
«غەرەك» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
تەبىئەتنىڭ ھەربىر بېتى چوڭقۇر مەزمۇن بىلەن تولغان كىتابتۇر. كىتابنىڭ بىر بېتىنى ئوبدان ھەزىم قىلىش پۈتۈن كىتابنى ئالدىراپ ئوقۇپ چىقاندىن ئەلا. ئادەم ھايات تارىخىنى يېزىشتا ئەھمىيەتلىك سەھىپىلەرنى كۆپەيتىشى كېرەك. ئون ۋاراقنى ئوقۇغاندىن بىر ۋاراقنى چۈشەنگەن ئەلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. كىتاب، گېزىت، ژۇرنال قاتارلىقلارنىڭ ئىككى بېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر پارچىسى، بۆلىكى.
دەپتەرنىڭ ۋاراقلىرى تۈگەپ، ئاخىرقى بېتىلا بوش قالغانىدى.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
بىر ۋاراق قەغەز