Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋاندېرۋالىس كۈچى
دائىرە: بىئولوگىيە范德华引力
fàndéhuáyǐnlì
ئۇنىڭ ماھىيىتى دىپوللار ئارىلىقىدا مەۋجۇت بولىدىغان بىر ئېلېكترستاتىك كۈچى بولۇپ، ئاساسەن: يۆنىلىش كۈچى، يەنى ئىككى دانە قۇتۇپلۇق گۇرۇپپىلار ئارىلىقىدىكى دىپول بىلەن دىپوللارنىڭ ئۆز ئارا تارتىشىش كۈچى، مەسىلەن، ئاقىسل مولېكۇلىسىدىكى ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ يان زەنجىرىدىكى قۇتۇپسىز R رادىكال (ئالىفاتىك، ئارۇماتىك، مېتيونىنلىق يان زەنجىرى) لىرى ئارىلىقلىرىدا بۇ خىل كۈچ ھاسىل بولۇشى مۇمكىن. ئىندۇكسىيىلەش كۈچى يەنى قۇتۇپلۇق گۇرۇپپىلار بىلەن قۇتۇپسىز گۇرۇپپىلارنىڭ ئىندۇكسىيىلەنگەن دىپوللىرى ئارىلىقىدىكى ئۆز ئارا تارتىشىش كۈچى، رەت تارقىتىش كۈچى، يەنى قۇتۇپسىز ئىككى گۇرۇپپا ئارىلىقىدىكى مامېنت دىپوللىرىنىڭ ئۆز ئارا تارتىشىش كۈچىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل كۈچلەر مولېكۇلا، ئاتوملار ئارىلقلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان تارتىشىش كۈچىدۇر. بۇ خىل تارتىشىش كۈچى ھەم يۆنىلىشسىز بولىدۇ، ھەم تويۇنۇشچان بولمايدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.