Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋانداللار
ئۇنىۋېرسال
汪达尔人
wāng dá ěr rén
دۇنيا تارىخى
汪达尔人
wāng dá ěr rén
قەدىمكى گېرمان قەبىلىسى. مىلادى Ⅰ - Ⅲ ئەسىرلەردە ئودېر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى بىلەن دۇناي دەرياسى ئەتراپىغا تارقالغان. مىلادى 335 - يىلى رىم ئىمپېراتورى كونستانتېننىڭ ئىجازىتى بىلەن پاننونىيە (كۆپ قىسمى ھازىرقى ۋېنگرىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە چېگرىسى ئىچىدە) گە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان. Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرى ھونلارنى بېسىمىغا ئۇچراپ، ئالانلار بىلەن بىرلىشىپ، گاللىيە ئارقىلىق ئىسپانىيىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇزاق ئۆتمەي غەربىي گوتلار بۇ يەرگە تۆپە - تۆپىلەپ يېتىپ كەلگەن. ۋانداللارنىڭ كاتتىبېشى گېنسېرىك ۋانداللار بىلەن ئالانلارنى باشلاپ 429 - يىللىرى دېڭىزدىن ئۆتۈپ شىمالىي ئافرىقىغا كىرگەن. ئون يىللىق ئېلىشىش ئارقىلىق رىمدىن ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تارتىۋالغان. 439 - يىلى كارفاگېننى بېسىۋېلىپ ۋانداللار پادىشاھلىقىنى قۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە سىتسىلىيە، ساردىنىيە، كورىسكا ۋە بالېئار تاقىم ئاراللىرىنى بېسىۋالغان. 455 - يىلى دېڭىزدىن ئۆتۈپ رىم شەھىرىنى ئېلىپ، 14 كۈنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، زور تۈركۈم قىممەتلىك مەدەنىيەت - سەنئەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلغان. ۋاندال ئاقسۆڭەكلىرى شىمالىي ئافرىقىدا كۆپ زېمىننى ئىشغال قىلىۋېلىپ، قۇللار بىلەن بېقىندى دېھقانلارنى ئىشقا سالغان، بۇ، ۋانداللارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باي - كەمبەغەلگە بۆلۈنۈشن تىزلەتكەن. 533 - 534 - يىللىرى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سەركەردىسى بېلسارې تەرىپىدىن قوشۇن تارتىپ بېرىپ بويسۇندۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋانداللار ئاستا - ئاستا يەرلىك ئاھالىلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن.