Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋالپول
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى沃尔波尔
wò ěr bō ěr
دائىرە: دۇنيا تارىخى沃尔波尔
wò ěr bō ěr
(1676 - 1745) ئەنگلىيە ۋېگ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، مالىيە ۋەزىرى (1715 - 1717، 1721 - 1742). ياشلىق دەۋرىدە ئىياتون ھۆكۈمەت مەكتىپى ۋە كىمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1701 - يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1712 - يىلى خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، لوندون مۇنارىغا قامالغان. 1713 - يىلى پالاتاغا قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى نۆۋەت مالىيە ۋەزىرى بولغان چاغدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي يولباشچىسى بولۇپ قالغان. ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ھازىرقى زامان مەسئۇل كابىنېتىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىپ، كابىنېت باشلىقى بىلەن كابىنېت ئەزالىرى پارلامېنت ئالدىدا كوللېكتىپ جاۋبكار بولۇش تۈزۈمىنى تىكلىگەن؛ مونارخىيىنى ئاجىزلاشتۇرغان؛ ئۇ يەنە باجنى كېمەيتىپ، ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىشنى كۆپەيتكەن، تاشقى سودىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ئاشۇرغا؛ چېركاۋنىڭ تەسىر كۈچلىرىنى چەكلىگەن. 1742 - يىلى ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى داۋامىدا قولغا چىققۇدەك جەڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، پارلامېنتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.