Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋالېنس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 328 - 378) قەدىمكى رىم كورۇلى (364 - 378). پاننونىيە (دۇناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى رايون) دە تۇغۇلغان. ئىنىسى ۋالېنتىنىئانۇس بىلەن بىللە، كورۇل بولۇپ، بۇيرۇققا بىنائەن ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادى 373 - يىلى پېرسىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، كېيىن كېلىشكەن. خرىستىئان دىنىنىڭ <بىدئەت> ئارىئۇس مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. غەربىي گوتلار ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئىمپېرىيىنىڭ چېگرىسىغا باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، مىلادى 375 - ياكى 376 - يىللىرى ئۇلارنىڭ مۇئېسىيە (دۇناي دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى) ئۆلكىسىگە كۆچۈپ كېلىشىگە يول قويغان. كېيىن غەربىي گوتلار زۇلۇمغا چىدىماي، رىمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، فراكىيىگە كەلگەندە، ۋالېنس لەشكەر تارتىپ چىقىپ باستۇرغان. مىلادى 378 - يىلى ئادرىئانوپول ئۇرۇشىدا ھالاك بولغان.