Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاللې ئىنكلان
دۇنيا تارىخى
(1866 - 1936) ئىسپانىيىلىك يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى رامون دېل ۋاللېي پانا. بىرىيانۇ ئېۋادا تۇغۇلغان. ئادۋوكات، تىياتىر ئۆمىكىنڭ دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1892 - 1893 - يىللىرى مېكسىكىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1895 - يىلىدىن باشلاپ مادرىتتا 15 يىل تۇرۇپ، <1898 - يىللاردىكى بىر ئەۋلاد> ئەدەبىيات ھەرىكىتىگە قاتناشقان. پادىشاھلىق تۈزۈمىگە، مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ۋە چېركاۋنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرغان. لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان. 1932 - يىلىدىن باشلاپ مادرىد ئەدەبىيات كۇلۇبى <ئاتىنو> نىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدىن <سۇناتا> قاتارلىقلار قويۇق دىكادېنتلىق پۇرىقىغا ئىگە. ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئەسەرلىرىدە كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى تەنقىد قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ مەشھۇر رومانلىرىدىن <زالىم كورۇل بەندېراس>، ئۈچ قىسىملىق سەھنە ئەسىرى <بىمەنە كومېدىيە>، تارىخىي رومان <ياشىسۇن ئىگەم> قاتارلىقلار بار.