Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋالدىۋىيە
دۇنيا تارىخى
(1500 - 1554) ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچى. پىزاررو بىلەن بىرگ ۋېنسۇئېلا ۋە پىروغا تاجاۋۇز قىلغان. 1540 - يىلدىن باشلاپ چىلىغا تاجاۋۇز قىلغان. 150 نەپەر ئىسپانىيىلىكنى باشلاپ، لىمادىن يولغا چىقىپ، دېڭىز بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ھازىرقى چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا بارغان، كېيىن سانتياگۇ قاتارلىق مۇستەملىكە نۇقتىلىرىنى قۇرغان ھەمدە ئالتۇن - كۈمۈش كانلىرىنى ئېچىپ، بايلىقلارنى تالان - تاراج قىلغان. يەنە ئاندىس تېغىدىن ئۆتۈپ ئارگېنتىنانىڭ غەربىي قىسمىدا كېزىپ تەكشۈرگەن. 1552 - يىلى بۈگۈنكى چىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ، يەرلىك خەلق - ئاراۋكانلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1554 - يىلى ئاراۋكانلارغا ئەسىر چۈشۈپ، ئۆلتۈرۈلگەن.